Sini Deymu歌词
作词 : Muhemmetjan Rashidin
作曲 : Abdughini Ablikim
编曲 : Abdugini Ablikim
سېنى دەيمۇ سېنى دەيمۇ
سېنى كۆرمەي ئۆلەرمەنمۇ
سېنىڭدىن ئايرىلىپ كەتسەم
جۇدالىقتا كۈلەرمەنمۇ
سېنى ھەرجايدا كۆرگەنلەر
گويا ئاسماندا ئاي دەيدۇ
سېنى دەپ جەندە كەيسەممۇ
جىمى ئەل مېنى باي دەيدۇ
كۆك كەپتەر بولۇپ ئۇچسام
بېرىپ سەندىن خەۋەر ئۇقسام
چىقاي قانداق ئۇۋالىڭدىن
ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار تۇتسام
سېنى دەپ تۈندە تەنھامەن
كۆيەر ئىشقىڭدا تەنھا تەن
پىشانەڭدە ئۆزۈڭ تۇرساڭ
مېنى كىم دەيدۇ تەنھا سەن
سېنى ھەرجايدا كۆرگەنلەر
گويا ئاسماندا ئاي دەيدۇ
سېنى دەپ جەندە كەيسەممۇ
جىمى ئەل مېنى باي دەيدۇ
سېنى دەيمۇ سېنى دەيمۇ
سېنى كۆرمەي ئۆلەرمەنمۇ
سېنىڭدىن ئايرىلىپ كەتسەم
جۇدالىقتا كۈلەرمەنمۇ
جۇدالىقتا كۈلەرمەنمۇ
补充纠错