English | 简体中文 | 繁體中文
查询

Nefise- 娜菲莎歌词

作词 : 阿迪拉·斯迪克
作曲 : 阿迪拉·斯迪克
◎نـەفـىـسـە◎
تارى ئون ئىككىنى چەككەن
سازى ئون ئىككىگە يەتكەن
ئون ئىككى ماكانىغا كەتكەن
نەفىسە
ساتارنىڭ تارىسىنى پەلەككە
يەنە بىر ئۇچىنى چىگىپ يۈرەككە
سازى ياڭرىتار ئەبەدكە
نەفىسە
نەفىسە كۆزۈڭگە
قۇلاق سالاي سۆزۈڭگە
يۈزۈم يىقىپ يۈزۈڭگە
ئوخشاپ كىتەي ئۆزۈڭگە
نەفىسە كۆزۈڭگە
قۇلاق سالاي سۆزۈڭگە
يۈزۈم يىقىپ يۈزۈڭگە
ئوخشاپ كىتەي ئۆزۈڭگە
※مـۇزىكـا※
ناۋا چەبىيات ئ‍ەجەمگە
سەۋرى ياقتى ئوت قەلەمگە
بەرداشى بار ھەر ئەلەمگە
نەفىسە
تۈنلەپ ئىشىق نەفىسى يازدى
ئون ئىككى رەت ئۆچتى ياندى
ئېيتقاچ جان مۇقامغا قاندى
نەفىسە
نەفىسە كۆزۈڭگە
ئوخشاپ كىتەر كۆزلۈرۈم
ئەمما شۇ كۆزۈڭدەك
سۆزلىيەلمەس سۆزلۈرۈم
نەفىسە كۆزۈڭگە
ئوخشاپ كىتەر كۆزلۈرۈم
ئەمما شۇ كۆزۈڭدەك
سۆزلىيەلمەس سۆزلۈرۈم
نەفىسە~
نەفىسە
نەفىسە
نەفىسە
نەفىسە
نەفىسە
#The·End#
补充纠错
上一曲歌名: 想你的时候问月亮歌词
下一曲歌名: 伤 心 的 情 人歌词